Quantcast
Channel: Association
Viewing all articles
Browse latest Browse all 69

«ئۈچ بۆلەك پرىنسىپى» نى بىلەمسىز؟ يەنە ئادەمنى رەس

$
0
0

فوتوگرافىيە ئۈچ بۆلەك پرىنسىپى (Rule of Third) تۇنجى قېتىم John Thomas Smith تەرىپىدىن 1797- يىلى خاتىرلەنگەن. ئۈچ بۆلەك پرىنسىپىنىڭ قىسقىچە تومتاق مەنىسى بولسا، رەسىمگە تارتقاندا ۋەياكى فىلىمگە ئالغاندا ئېكراننى گورزۇنتال ۋە ۋېرتىكال تەپمۇتەڭ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، بۆلگۈچى سىزىقنىڭ كېسىشكەن جايىغا تارتماقچى بولغان ئوبيېكتىپنىڭ گىگرومېتىرىك مەركىزىنى توغرىلىسا، ئادەمگە شۇنداق ئارەم بەخش بېرىدىغان كۆركەم رەسىم بولۇپ چىقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۈچ بۆلەپ پرىنسىپى ئەزەلدىنلا بىزنىڭ دىسلىر ئاپپارات ۋە يانفۇننىڭ ئۆزىنىڭ ئاپپاراتىغا يوشۇرۇن سىڭىپ بولغان، پەقەت سىلەرنىڭ بايقىمىغان يېرىڭلار بار. iPhone نىڭ ئۆزىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئاپپاراتىدا ئېكراندا چىقىپ تۇرىدىغان كەسمە سىزىقلار دەل ئۈچ بۆلەپ پرىنسىپىنى شۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئېكرانىڭىزدا كۆرۈنمىگەن بولسا ئېكران ئۈستىدىكى 选项 نى بېسىپ 网络 دېگەنتى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدىكەن دەپ بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋىتىدىغان نادان قىلمىشنى قىلماڭ. تۆۋەندە مەن بىرقانچە مىسالى رەسىملەر ئارقىلىق ئۈچ بۆلەپ پرىنسىپىنىڭ قوللىنىشىنى سۆزلەپ ئۆتسەم :


بۇ بولسا ئەڭ كلاسسىك ئۈچ بۆلەپ پرىنسىپىغا بويسۇنۇپ تارتىلغان رەسىم، رەسىمدىكى ئاساسلىق ئوبيېكتىپ بولغان دەرەخنىڭ گىگرومېتىرىك مەركىزىنى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كېسىشىش نۇقتىسىغا ئەكەلگەن، ھەمدە ئاسمان بىلەن سۇ يۈزدىن ھاسىل بولغان گورزۇنتال سىزىقنى ئاستىدىكى بۆلەك سىزىقىغا توغرىلىغان.


ئەمدى تۆۋەندىكى ئاددىي پۇقرا بىلەن سەنئەتلىك پۇقرانىڭ تارتقان بۇ ئىككى رەسىمىگە قاراپ بېقىڭ، سىزچە قايسىسى بەكرەك ياخشى تارتىلىپتۇ؟ دېسەم دېمىسەم تارتماقچى بولغان نەرسىنى رەسىمنىڭ قاپ بېلىگە توغرىلاپ تارتىدىغىنى سىزغۇ دەيمەن؟!

تۆۋەندىكىلىرى بولسا ئۈچ بۆلەپ پرىنسىپىنىڭ كىنوچىلىق ۋە فوتوگراف ساھەسىدە قوللىنىشى :

 
























 





LOFTER:HEZRET GRAFIKI   http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc850e

Viewing all articles
Browse latest Browse all 69