بۇ قېتىملىق كىچىك سىناقتا 56 酷6 爱奇艺 爆米花 دېگەندەك پىتنى- پاسات سىن بېكەتلىرىنى سىناپ ئولتۇرمىدىم، چۈنكى يا سىنغا چاپلانغان يوغان تامغىسى بىلەن ئادەمنى بىزار قىلىدۇ ۋە ياكى دۇغلىشىپ كۆرگىلى بولماس دەرىجىگە يەتكەن ئېنىقلىقى بىلەن بىراقلا دۈم چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 土豆 优酷 ھازىر ھېسابتا مۇتلەق چوڭ ئۈستۈنلۈكتىكى ئىككى سىن بېكىتى، گەرچە بۇ ئىككى شىركەت ئاللىبۇرۇن بىرلىشىپ 优酷土豆 شىركىتى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ بىراق يوللانغان سىنلارغا بولغان بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار.
كۆپچىلىك ھەممىسى بەكرەك 优酷 غا سىن يوللىشى ھەم بەكرەك ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن، بىراق مەن 优酷 نىڭ سىنلىرىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ 土豆 غا يەتمەيدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن پەملەپ بولغان، بۇ قېتىم ئۇزاق يىللاردىن كېيىن يەنە كىچىككىنە سىناق ئېلىپ باردىم، دەرۋەقە، 土豆 يەنىلا ئادەمنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئۈستۈنلۈكتە.
سىناق ئەسلى ئوبيېكتىپىنىڭ قىسقىچە ئۇچۇرى ۋە 优酷, 土豆 غا يوللانغاندىن كىيىنكى ئەڭ سۈزۈك ھالىتىدىكى ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە :
رەسىم يۈزىنى چەكسىڭىز ئەسلى چوڭلۇقتا كۆرىنىدۇ!
رەسىمدە بەك كۆپ كەسپى ئۇچۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئاددىي قىلىپلا يىغىنچاقلىسام :
1. ئەسلى سىن ھۆججىتىنىڭ چوڭلىقى بىلەن يوللانغاندىن كىيىنكى چوڭلۇقىنى يۈزەكى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ 土豆 نىڭ خېلى سۈزۈك چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، 土豆 ئەسلى سىننى ئىككى ھەسسە قىسىۋەتكەن بولسا، 优酷 ئەسلى سىننى تۆت ھەسسە قىسىۋەتكەن.
2. 码率 يەنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ھەر بىر سىكۇنت سىنىڭ چوڭلىقىدىنمۇ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەسلى سىن 5000، 优酷 بولسا 1101 غا ۋەھشىلەرچە قىسىۋەتكەن، 土豆 بولسا 2283 دەك ئادەتتىكى دەرىجىدە قىسقان.
3. بۇ ھەممىدىن مۇھىمى، ئەسلى سىننىڭ ئېنىقلىقى بولسا 1280*720 يەنى 720P ھالەتتىكى سىن، بىراق 优酷 نىڭ 超清 ھالىتىدىكى چۈشۈرۈلگەن سىن 1104*622 بولۇپ چىققان، ھەرگىزمۇ 1280*720 ئەمەس، شۇڭا تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا 优酷 نىڭ 超清 ھالەتتىكى سىنلىرى ھەرگىزمۇ يۇقىرى ئېنىق ئۆلچىمىگە توشمايدۇ، چۈنكى يۇقىرى ئېنىق سىننىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېنىقلىق چەكلىمىسى 1280*720 يەنى 720P
4. بۇ بەلكىم سىزنى خۇشال قىلىشى مۇمكىن، 土豆 نىڭ ئەڭ سۈزۈك ھالەتتىكى سىنلىرىدا بېكەت تامغىسى بولمايدۇ، يەنى تۆت بۇرجەككە 土豆 دەپ يېزىپ قويمايدۇ، 优酷 نىڭ بولسا مەيلى سىز قانچىلىك ئېنىق سىن يوللىۋېتىڭ ئوڭ بۇرجەككە چوقۇم 优酷 دېگەن تامغىسىنى بېسىپ قويىدۇ.
تاللاش ئۆزىڭىزدىن، بۇندىن كېيىن قايسىسىغا يوللايسىز؟
LOFTER:HEZRET GRAFIKI http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc8510