Quantcast
Channel: Association
Viewing all articles
Browse latest Browse all 69

iOS 7 beta غا قانداق باھا بېرىمىز؟

$
0
0

hezret

ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان قانداق جايلىرى بار؟
ياپىلاقلىشىش دولقۇنىدا ئالما ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تاپتىمۇ يوق؟
يېڭى سىستېمىنىڭ Android, Windows Phone قاتارلىق سىستېمىلاردىن ئۆرنەك ئېلىشى \ كۆچۈرۈشىگە قانداق قارايمىز؟
كۆرۈنمە يۈزىدىن باشقا ئىقتىدارلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قانداق باھا بېرىمىز؟


























مېنىڭ قارىشىم يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ: ئالمىنىڭ ھازىر دۇچار بولغان مەسىلىسى ھەرگىزمۇ كۆرۈنمە يۈز لايىھىسىدە ھەقىقىي جىسىمغا تەقلىد قىلىشمۇ ياكى ياپىلاقلاشتۇرۇشمۇ دېگەنلەر ئەمەس، بەلكىم iPhone بىلەن Andriod تېلېفونلارنىڭ ئىشلىتىش ھېسسىياتىدا بۇرۇنقىدەك ئاسمان زېمىن پەرقنىڭ قالمىغانلىقىدا. گەرچە گەپ يوق iPhone نىڭ ئىشلىتىش تۇيغۇسى ياخشى بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىنى يەنە مۇنداق قىلىپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئىككى توخۇ بىللە تۇرغاندا، باشقىلار ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ، توخۇ بىلەن تۆگىقۇش بىرگە تۇرغاندا ئاندىن پەرق مانا مەن دەپ چىقىدۇ. ھازىرقى iOS ۋە Android نىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ تۆگىقۇش بىلەن توخۇنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمەس، ئەگەر ئۇنداق زور پەرقنى ساقلاپ قالالمىغاندا، سېنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭ يەنە نېمىشقا ئالمىدەك قىممەت بولىدۇ؟

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىش مۇراسىمى ۋە بىرقاتار چۈشەندۈرۈش فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كىيىنكى يىغىلىپ قالغان گەپلىرىم تۆۋەندىكىچە :

توغرا، كۆرۈنمە يۈزى ھەقىقەتەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپلاۋېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قالايمىقان Icon لارنى باش بەتكە تىزىپ قويىدۇ؟

بىراق، شەخسەن ئۆزۈمگە بۇ قېتىملىق كۆرۈنمە يۈز ناھايىتى ياقتى، ھىچ بولمىسىمۇ نۇرغۇن ئەپلەرنى ئاچقاندىن كېيىن ئادەمنى خېلىلا ھاياجانغا سالىدۇ، مەسىلەن يېڭى كىرگۈزگۈچ، ئاددىيلىقتا كامالەتكە يەتكەن ھەم خېلىلا ئىلگىرلەش بولغان، بىراق ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى بولسا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش تاختىسى يەنىلا تېخى قوشۇلمىغان. يېڭى كالىندارمۇ ناھايىتى ياخشى. ئەپلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك پەرقى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق، چۈنكى ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ئۆزى سىناپ باقممىغاننىڭ ھەممىسى بىكار. قىسقىسى، iOS 7 دە ئاق رەڭنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى بۇ قېتىمقى كۆرۈنمە يۈزنى ھەم يېڭى ھەم كلاسسىك قىلغان.

يەنەبىر تەرەپتىن، كۆپلەپ ئاق رەڭنى ئىشلىتىشتىن باشقا يەنە رەڭ توقلۇقى زىيادە يۇقىرى بولغان رەڭلەرنىڭ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس لايىھە ئۇسلۇب ياراتقان. توغرا، بەلكىم بۇ خىلدىكى icon لار ئالمىنىڭ ئىلگىرىكى icon لىرىنى سوپۇن پاراشوكىغا بەكرەك چىلاپ قويۇپ ئاندىن سۈزۈپ چىققاندەك قىياپەتتە بولسىمۇ، بىراق مەنچە يەنىلا ناھايىتى چىرايلىق ھەم قىزىقارلىق بولغان، ئۇنىڭ ئىپادىلىگىنى بولسا فىزىكىلىق دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان، ئىلگىركى سىستېمىلاردا يوق بولغان قىزىقارلىق تۇيغۇدۇر. بۇ قېتىملىق iOS 7 نىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خىرا ئەينەكسىمان ئۈنۈم قوشۇلغان، گەرچە بۇخىل خىرە ئۈنۈم باشقا يانفون ياكى باشقا ئەپلەردە كۆپ بولسىمۇ بىراق ئالمىنىڭ بۇخىل خىرا ئەينەكلىك ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، مۇشۇ بىر ھەممە يەرگە پۈركەتكەن ئۈنۈمنى ئالمىنىڭ قانداق يېرتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپمۇ قولىڭىزنى قويمىسىڭىز مانا مەن، Jony Ive (iOS 7 تەشۋىقات فىلىمدە سۆز قىلغان كىشى) ئۆزىنىڭ خىرە ئەينەككە ئامراقلىقى بىلەن داڭ چىقارغان، بىراق بۇ قېتىملىق تۇرمۇشتىن ئېلىنغان لايىھە ھەقىقەتەن دوراپ بولغىلى بولماس دەرىجىگە يەتكەن.

iOS 7 نىڭ icon بەلگىلىرى گەرچە غەلىتىلىكتە مەلۇم دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنچىكىلەپ ھەربىر ئەپنىڭ لايىھىسىگە بارغاندا ئادەمگە يەنىلا زو ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلالايدۇ. گەرچە كۆپىنچىمىز ئالمىنىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى سىستېمىدا كۆرۈنمە يۈز جەھەتتە پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھەلەيدىغىنىنى بىلگەن بولساقمۇ، بىراق بۇنچىلىك دەرىجىدە ۋەھشىيلىشىپ كېتىدىغىنىنى ئويلاپ باقمىغان، سەكراپ چىقىپلا نۇرغۇن ئادەمگە پۈتۈنلەي ناتونۇشلا تۇيغۇ بەرگەن. يىراق يۆلىنىشتىن قارىغاندا، بۇنداق قىلىش مەنچە يەنىلا توغرا. گەرچە بەزى ئىنچىكە ھالقىلار ئىلگىرىكىدەك ئادەمنىڭ تومۇرىغا تېگىدىغان بولمىسىمۇ، بىراق مەنچە يەنىلا ئۆزگەرتىشكە بوشلۇق بار. ئالمىنىڭ ئىلگىرىكى كۆرۈنمە يۈز لايىھىسىنى مانا يەتتە يىل بولاي دېدى، ھە بوپتۇ، كۆپچىلىك يېقىنقى بىرقانچە يىل يەنە داۋاملىق قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىسىلەر، ئەجەبا سىلەر يەنە 100 يىل قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىۋېرەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇرۇنقى لايىھىنى پۈتۈن ئادەم ئىشلىتىپ سەسكىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئالما ئىشنىڭ قاملاشمىغانلىقنى پەملەپ كېچىككەن ھالدا مۇنداقلا كۆرۈنمە يۈز لايىھىسىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ چىقارمۇ؟ مەن ئالمىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈنمە يۈز لايىھە ماجىراسىدا تىل ئاھانەتكە قالغىنىنى قوللىسام قوللايمەنكى، ھەرگىزمۇ كېچىپ قىلغان پۇشايمانغا شېرىك بولمايمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالمىنىڭ يەنىلا جىگەرلىك بىر شىركەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.

مۇنداق بىر مىسال ئالايلى، ھەممە ئادەم پۈتۈنلەي يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرىدۇ، كونا تۇرمۇش ناچار ئەمەس، بەلكىم نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە. يېڭى تۇرمۇش ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس، پەقەت قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇرۇنقى تۇرمۇشتەك ياخشى بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كونا تۇرمۇشنى تاشلاپ يېڭىنى باشلىغاندا، داۋاملىق ئېھتىياجلىق بولىدىغىنىمىز خىللاپ شاللاش بولماستىن چىشنى چىشلەپ بەلنى باغلاشتۇر. ئالما دەل چىشنى چىشلەپ بەلنى باغلىغانلاردۇر، ئالما بۇنداق قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر كىچىك شىركەتلەر ۋە icon نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئىشلەتكۈچى دوستلار نېمىگە بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ كېتىسىلەر؟!

تۆۋەندىكىسى بولسا Jony Ive نىڭ iOS 7 نى تونۇشتۇرغان فىلىمى، بۇ فىلىمنى ھەقىقەتەن ئېسىل ئىشلىگەن، Jony Ive نىڭ سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئاپىرىن.



ناھايىتى ئاددىي، Jony Ive سۆزلىگەن نەرسىلەر ۋە iOS 7 نىڭ ئىقتىدار تونۇشتۇرۇش فىلىمىدىن، ئالمىنىڭ يانفون سىستېمىسىغا بولغان ئوي- پىكىرى ۋە ئۆزگىرىشكە بولغان خالىسلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭ ئويلايدىغىنىم، بىر مەشغۇلات سىستېمىسىغا نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىمى يەنىلا قانداق قىلىپ مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى قىلىشتا، icon ۋە كۆرۈنمە يۈز پەقەت بۇلار ئۈچۈن تۇيغۇ خىزمىتىنى قىلغۇچىلاردۇر.

بۇمۇ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئەتىسىلا سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىشىمنىڭ سەۋەبى. پۈتۈنلەي يېڭى دۇنيا، بۇ تۇيغۇ نېمىدېگەن ياخشى. يازمىنىڭ بېشىدىكى ئاشۇ سوئاللارغا قايتساق، مەنچە، ئالما ھازىر پۈتۈنلەي يېڭى تۇيغۇدىكى كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلەش يولىدا قاتتىق ئىزدىنىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ياقمايدىغان نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن، يەنە بەلكىم باشقىلاردىن تېرىپ كەلگەن نەرسىمۇ بولىشى مۇمكىن، بىراق مۇشۇ «پۈتۈنلەي يېڭى تۇيغۇ» دېگەن ئۈچ خەت، بىزنىڭ مەنىسىز تۇرمۇشىمىزدىن ئىزلەيدىغان تۇيغۇ ئەمەسمىدى؟!

ئەڭ ئاخىردا يېغىن بېشىدىكى بۇ قىسقا فىلىمنىڭ تېگىگە يەتتىم:



via: zhihu.com
شۇ ناملىق سوئالغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.



LOFTER:HEZRET GRAFIKI   http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc8514

Viewing all articles
Browse latest Browse all 69