Quantcast
Channel: Association
Viewing all articles
Browse latest Browse all 69

Windows 8.1 كۆرۈپ بېقىش نەشرى يېڭى ئىقتىدارلىرى

$
0
0



6- ئاينىڭ 27- كۈنى سەھەردە مىكروسوفت ئورگان تەرەپ Windows 8.1 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلدى. Windows 8.1 ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەس، بەلكى Windows 8 نىڭ كۈچەيتىلگەن نەشرى، شۇڭا Windows 8 نى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا نىسبەتەن يېڭىلاپ كۆرۈپ بېقىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى كۆرۈنمە يۈز ۋە ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتە Windows 8 بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەقەت ئازراق يېڭى ئىقتىدار قوشقان يېرى بار. ئىشلىتىپ باقمىغان تورداشلارنىڭ يەنىلا ئاۋۋال Windows 8 رەسمىي نەشرىنى ئىشلىتىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. Windows 8.1 گە يېڭىلانغادا ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ كېتىشى ۋە ھازىر تېخى كۆرۈپ بېقىش نەشرى باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسى دېگەنلەرنى تەمىنلەپ ئولتۇرماي، قىزىقىدىغان تورداشلار Google لاپ باقساڭلار بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۈچ مىنۇتلۇق ھېسسىياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزدىن قۇرۇق قالماڭ، Windows 8.1 پەقەت ئىقتىدار جەھەتتىكى كىچىك يېڭىلىنىش خالاس.

Windows 8.1 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى :
Windows 8.1 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن باشلىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇب ۋە تەگرەسىم قوشۇلغان باشلىنىش كۆرۈنمە يۈزى، ئەنئەنىۋىي ئۈستەل يۈزى ۋە باشلاش يۈزىنىڭ ئورتاق تەگرەسىم ئۈستىدە كۆرۈنىشى، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىزدەش ئىقتىدارى، IE11 توركۆرگۈچ، كومپيوتېر قوزغالغاندا بىۋاسىتە ئۈستەليۈزىدە ئېچىلىش قاتارلىقلار بار.



 

1. خاسلىق

رەسىمىنىڭ كۆرۈنۈش ئۇسۇللىرى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلغان، ئىچكى كامېراغا رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.



باشلاش يۈزىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇب ۋە تەگرەسىم قوشۇلغان.



2. ئىزدەش



ئىزدەش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان، ئىزدەش نەتىجىسىدە Bing, Skydrive قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنلىرى كۆرىنىدىغان بولغان.

3. ئەپ ۋە Windows Store ئەپ دۇكىنى

سىستېمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپلىرى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان. بىر كۆزنەكتە كۆپ ئەپنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈنىشى ئەمەلگە ئاشقان.

4. بۇلۇت سۇپىسى :



Windows 8.1 دە ھۆججەتنى بىۋاسىتە Skydrive تور دىسكىغا ساقلاشقا بولىدۇ.

5. PC تەڭشىكى :

Windows 8.1 نىڭ باشلاش يۈزىدىكى تەڭشەش ئارقىلىق بىۋاسىتە PC تەڭشەكلىرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولغان، شۇڭا بەزى تەڭشەشلەرنى كونترول تاختىسى (控制面板) گە كىرمەي تۇرۇپمۇ بىۋاسىتە تەڭشىيەلەيسىز.

6. IE توركۆرگۈچ

Windows 8.1 كە IE 11 سەپلەنگەن بولۇپ سەزگۈ ئېكران ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان.

....

راستىنى دېسەم باشقا ھېچقانداق تۇتامغا چىققۇدەك يېڭى ئىقتىدارلىرى يوق، شۇڭا رەسمىي نەشرى ئېلان قىلىنغۇچە يەنىلا Windows 8 نى ئىشلىتىۋېرىڭ.

LOFTER:HEZRET GRAFIKI   http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc851a

Viewing all articles
Browse latest Browse all 69