ئەگەر سىز تورنىڭ تالا تۈزىدە ئاندا مۇندا يۇرۇپ قويغان بولسىڭىز چوقۇم تىرىليون پىكسېللىق ئاز رەسىم كۆرمىدىڭىز، مەسىلەن مارسنىڭ يەر-يۈزى، ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى دېگەندەك. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇدىغىنىمىز بولسا 150 تىرىليون پىكسېللىق رەسىم، بۇنى 360 Cities توربېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Jeffery Martin ئۆزى تارتىپ پىششىقلاپ چىقىرىپ، توكيو شەھىرىنىڭ ھەيۋەت مەنزىرىسىنى كۆپچىلىككە سۇنغان.
بەلكىم بۇ رەسىمنى قانداق تارتقاندۇ دەپ سوراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئادەتتە بۇنداق 360 گرادۇسلۇق، تىرىليون پىكسېللىق رەسىملەر كۆپىنچىسى نەچچە ئونمىڭ پارچە رەسىمدىن بىرىككەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئېگىز مۇنارغا تىلسىكوپتەك ئاپپاراتتىن بىرنى تىكلەپ قويۇن 360 گرادۇس چورگىتىپلا ئىشنى پۈتتۈرىدىغان ئىش يوق.
توكيونىڭ بۇ ئومۇمى مەنزىرە رەسىمى جەمئىي 10 مىڭ پارچە Canon EOS 7D DSLR تىپلىق ئاپپاراتتا تارتىلىپ بىرىكتۈرۈپ ئىشلەنگەن. بۇ رەسىملەرنى تارتىشقا جەمئىي 2 كۈن كەتكەن، رەسىملەرنى دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسىدا ھېسابلاپ بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىشقا 12 ھەپتە يەنى 3 ئايدەك ۋاقىت كەتكەن.
LOFTER:HEZRET GRAFIKI http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc8521