Quantcast
Channel: Association
Viewing all articles
Browse latest Browse all 69

[2013.05.23 يېڭىلاندى] QQ ئېلانلىرى ھەممىڭ كۆزۈمدى

$
0
0



تويماس Tencent شېركىتى QQ نىڭ بەزى ئېلانلىرى چەكلەش ئۈچۈنمۇ پۇل تۆلەتكىلى سالىدۇ. ئادەمنى ھەممىدىن بىزار قىلىدىغىنى بولسا QQ نى ئېچىپ بىرقانچە سېكۇنتتىن كېيىن شالاققىدە سەكرەپ چىقىدىغان "迷你首页" دەيدىغان تۇتامى يوق خەۋەر كۆزنىكى. يەنە ئادەمنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىۋالىدىغان ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھەرىكەتلىك رەسىم ئېلان ۋە سول تەرەپ ئاستىدا كۆرىنىدىغان خەتلىك ئېلان.
بىراق مېنىڭكىدە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق. سىزنىڭمۇ بۇ كۇسپۇرۇچلانى يوقاتقۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا يازمىغا مەرھەمەت!



[2013.05.23 يېڭىلاندى]
 QQ 2013 پاراڭلىشىش رامكىسى سول بۇرجەك خەتلىك ئېلان ۋە ئوڭ بۇرجەك كىچىك رەسىملىك ئېلاننى چەكلەش :
QQ 2013 نىڭ رەسمىي نەشرىمۇ ئېلان قىلىندى، بەلكىم QQ 2013 ئىشلىتىدىغان دوستلار ئىلگىرىكى ئۇسۇلنىڭ ئاستىدىكى خەتنى يوقىتىشقا ئاقمايدىغانلىقىنى سەزگەن بولىشى مۇمكىن، بۈگۈن QQ 2013 دىكى ئەڭ يېڭى ئېلان چەكلەش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ چىقاي، ناھايىتى ئاددىي، بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاسان، قېنى ئەمىسە، كەتتۇق!

















 





1. QQ ئاچقاندىن كېيىن تاقلاپ چىقىدىغان 迷你首页 نى ئۆچۈرۈش :
ئالدى بىلەن QQ نى قاچىلان ھۆججەت قىسقۇچىنى تېپىپ، Plugin\Com.Tencent.Advertisement\bin نى ئاچىسىز، ئاچقاندىن كېيىن Advertisement.dll ناملىق ھۆججەتنى كۆرىسىز، مانا بۇ دەل 迷你首页 ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆججەت. ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ، خاسلىقىنى پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، يەنە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

QQ 2013  پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىدىكى ئېلاننى چەكلەش :
بۇنىڭ ئۇسۇلى Win7/Win8 ۋە XP ئىشلەتكۈچىلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ.

XP :
C دىسكىغا كىرىپ : \Documents and Settings\用户名\Application Data\Tencent\QQ\Misc\com.tencent.advertisement نى ئاچىسىز ۋە ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆچۈرۋېتىڭ، بۇلارنى كۆپىنچىسى ئېلان رەسىملىرى. پەقەت ئىچىدىكى نەرسىلەرنىلا ئۆچۈرۈڭ، ئەسلى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرۈۋەتمەك! ئاندىن ئوڭ چېكىپ ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ، ھازىرقى كومپيوتېر ئەزاسىنىڭ مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچقا بولغان ھوقۇقىنىڭ ھەممىنى چەكلەنگەن قىلىۋېتىسىز، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :


Win7/Win8 :
C:\users\用户名\appdata\Roaming\Tencent\QQ\Misc\com.tencent.advertisement
غا كىرىپ XP نىڭكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ!
ئەسكەرتىش : appdata ھۆججىتىنى تاپالمىسىڭىز، سىستېما تەڭشىكىدىن بارلىق يوشۇرۇنغان ھۆججەتلەرمۇ كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ!
QQ 2012  پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى خەتلىك ئېلاننى چەكلەش :
ئاۋۋال QQ نى ئۆچۈرۈپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىسىز.
XP :
C:\Documents and Settings\用户名\Application Data\Tencent\Users\你的QQ号\QQ\ ئاچقاندىن كېيىن Misc.db ناملىق ھۆججەتنى يۇيۇپ تاشلايسىز، ھەمدە بۇنىڭ ئورنىغا Misc.db ناملىق ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ قويىسىز، دىققەت!!! ھۆججەت قىسقۇچ جۇمۇ!! ھۆججەت ئەمەس !! ئىش تامام.

Win7/Win8 :
C:\users\用户名\appdata\Roaming\Tencent\Users\你的QQ号码\QQ\ نى ئېچىپ يۇقىرىقىدەك مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش : appdata ھۆججىتىنى تاپالمىسىڭىز، سىستېما تەڭشىكىدىن بارلىق يوشۇرۇنغان ھۆججەتلەرمۇ كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ!

خوش، پاكىزە ھەم ئازادە بولغان QQ دىن ھۇزۇر ئېلىڭ. (QQ2012/2013 تە سىناقتىن ئۆتتى)

LOFTER:HEZRET GRAFIKI   http://hezret-new.lofter.com/post/1d567194_7bc84f8

Viewing all articles
Browse latest Browse all 69